تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى

ئورنى Wikipedia
‎ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى
دۆلەت گىمىنى
پايتەختى ئەنقەرە
ئەڭ چوڭ شەھرى ئىستانبۇل
رەسمى تىلى تۈركچە
ئېتنىك گۇرۇپلار
سىياسى سېستىمىسى جۇمھۇرىيەت
رەئىس جۇمھۇر ئابدۇللاھ گۈل
باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان
يەر مەيدانى 783 مىڭ 562 كۋادرات كىلومېتىر
نۇپۇسى 72مىليون 561 مىڭ
نۇپۇس زىچلىقى
كىشى بېشىغا توغرا كىلدىغان كىرىم
پۇل بىرلىكى تۈرك لىراسى
ۋاقىت رايۇنى
ئىنتېرنېت tr
خەلقارالىق تېېلفۇن كود نۇمۇرى 90
تۈركىيە
دۆلەت بايرىقى

تۈركىيە- تولۇق ئىسمى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى (تۈركچە : Türkiye Cumhuriyeti, ئىنگىلىزچە: Republic of Turkey) ئاساسى قانۇنلۇق، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى، جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ياۋروپا ۋە ئاسىيا قىتئەسىگە جايلاشقان بىر دۆلەت. ئۇنىڭ پايتەختى بولسا ئەنقەرە، ئەڭ چوڭ شەھىرى بولسا ئىستانبۇل. دۆلەت تىلى بولسا تۈرك تىلى. نۆۋەتتىكى پرىزدېنتى (تۈركچە جۇمھۇرباشقانى)ئابدۇللاھ گۈل. نۆۋەتتىكى باش مىنىستېر (تۈركچە باشباقان) رەجەپ تاييىپ ئەردوغان. تۈركىيە 1923 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر كۈنى مۇستەقىللىقىنى جاكارلاپ، جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى ئورناتقان.

قىسقىسچە ئەھۋالى[تەھرىر]

يەر مەيدانى 783 مىڭ 562 كۋادرات كىلومېتىر،

نوپۇسى 72مىليون 561 مىڭ.

دۆلەت بايرىمى: (1923-يىلى)10-ئايىنىڭ 29-كۈنى (جۇمھۇرىيەت كۈنى).

تۈركىيەنىڭ سىياسى مۇساپىسى[تەھرىر]

تۈركىيە ئەنئەنە جەھەتتىن ئىسلام دۆلىتى بولغاچقا ياۋروپا ۋە ئامېرىكا بىلەن بولغا مۇناسىۋىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ھايات-ماماتىغا تەسىر يەتكۈزۈشىدىن ئېھتىيات قىلىپ دۆلەتتە دىن بىلەن ھاكىمىيەتنى ئۈزۈل-كېسىل ئايرىپ 1923-يىلىدىن بۇيان ھەرقانداق دىنى ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە پارتىيەنى قانۇنسىز ھىساپلاپ كەلگەن. ئاساسى قانۇندىكى بۇ شەرتلەرنى قوغداش ئىزچىل تۈردە تۈركىيە ھەربى تەرەپنىڭ ئىزچىل تۈركىيەسىياسىتىنى كونتىرۇل قىلىشىدىكى ئاساسى سەۋەپ بولۇپ كەلگەن ئىدى.

2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، تۈركىيە دەسلەپ بىتەرەپ تۇرىدۇ، كېيىن 1945-يىلى 2-ئايغا كەلگەندە، گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلىدۇ، 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ تەسىرى تۈركىيىگە سىڭىپ كىرىدۇ.

1980-يىلى 4-ئايدا، پىرىزدېنت قەھرى گۇرۇ تۈركنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى توشىدۇ. پارلامېنت 100 قېتىمدىن كۆپرەك سايلام ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە گۇرۇھلارنىڭ كۈرىشى جىددىي بولغاچقا، يېڭى پىرىزدېنتنى سايلاپ چىقالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەتنىڭ ئامانلىقى ناچارلىشىپ، ھەرخىل تېرورلۇق ھەرىكەتلەر ئەۋج ئالىدۇ. 9- ئايىنىڭ 12-كۈنى، باش شتاب باشلىقى ئەۋرەن باشچىلىقىدىكى مەملىكەتلىك ئامانلىق كومىتېتى«ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن، ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلايدۇ، ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنتنى تارقىتىۋېتىدۇ، بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەيدۇ. شۇ ئاينىڭ 13- كۈنى ئەۋرەن دۆلەت باشلىقى بولىدۇ. 20- كۈنىگە كەلگەندە، سابىق دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ئولوسۇ باشچىلىقىدا يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ.

1980- يىلى ھەربىيلەر ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، ۋەزىيەتنى تۇراقلاشتۇرىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى زور كۈچ بىلەن رەتكە سېلىپ، ھەرخىل قانۇنسىز تەشكىلاتلارنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۇردى. 1981- يىلى 9- ئايدىلا 45 مىڭ ئادەمنى قولغا ئالدى. 750 مىڭ ھەرخىل قورال-ياراغنى مۇسادىرە قىلدى. نەتىجىدە، تېررورلۇق ھەرىكەتلەر ھەربىي ئىدارە قىلىشنىڭ ئالدىدىكىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئازايدى.

1982- يىلى 11- ئاينىڭ 7- كۈنى، مەملىكەتلىك ئامانلىق كومىتېتى يېڭى ئاساسىي قانۇننى ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشىگەقويىدۇ، نەتىجىدە ھەربىي ھۆكۈمەت خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، ئەۋرەن جۇمھۇرىيەت پىرىزدېنتى بولدۇ ھەمدە دېموكراتىيە مۇساپىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى موسكۋاغا زىيارەتكە بارىدۇ، ئەۋرەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىدۇ.

1983-يىلى 5- ئايدا، ھۆكۈمەت كوردلارنى كەڭ كۆلەمدە باستۈرۇپ، 574 كىشىنى سوتلايدۇ. 35 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىدۇ ھەمدە ئىراق زېمىنىغا كىرىپ كورد قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بېرىدۇ. 1983- يىلى 11-ئايدا ئۆزەل باشچىلىقىدىكى ۋەتەن پارتىيىسى بۈيۈك خەلق پارلامېنتى سايلىمىدا غەلىبە قىلدى. 1996-يىلى 6- ئاينىڭ 28-كۈنى ، تۈركىيە گۈللىنىش پارتيىسىنىڭ رەھبىرى ئىرباقان سابىق زۇڭلى، توغرا يول پارتىيىسىنىڭ رەئىسى چېللەر بىلەن بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلغان، بۇنىڭ بىلەن تۈركىيە ھازىرقى زامان تارىخىدىكى تۇنخى ئىسىلاملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغۇچى باش مىنىستىر بارلىققا كەلگەن. نەجمىدىن ئىرباقان ھۆكۈمىتى تۈركىتىنىڭ 54- نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىرباقان ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن بىرقاتار ئىسلاملاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان. شۇنىڭ بىلەن، ئىرباقان ھەرنىي تەرەپنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئاران بىر يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپلا تەخىتتىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولغان. 1998 - يىلى 1- ئاينىڭ 1-كۈنى، تۈركىيە ئەڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى تۈركىيە گۈللىنىش پارتىيىسىنى ئاساسى قانۇنغا خىلاپ دەپ قاراپ تارقىتىۋېتىشنى جاكارلىغان. 2000- يىلى 5- ئاينىڭ 5- كۈنى ئەخمەت نەجدت نى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 10- نۆۋەتلىك پىرىزدېنتلىقىغا سايلىغان باش مىنىستىرى ئەجۋېت بولغان.2005-يىللىق سايلامدا گۈللىنىش پارتىيىسىدىن ئۆزگەرتىلگەن ھەقىقەت ۋە تارەققىيات پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى رەجەپ تايىپ ئەردۇئان باش مىنىستىر بولۇپ سايلاندى. 2007-يىللىق تېنچ سايلامدا تۈركىيە گۈللىنىش پارتىيىسىنىڭ پىرىزدېنت نامزاتى ئابدۇللا گۈل 51% مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن پىرىزدېنتلىقنى ئالدى. سايلام پۈتۈنلەي دىموكراتىك تەرتىپكە ئۇيغۇن بولغاچقا خەلقارا ۋە تۈركىيە ھەربى تەرەپ ئامالسىز قالدى. ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن، نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك «دىنى ئارقا كۆرۈنۈشى بار رەھبەرلەرنى قارشى ئالماسلىق» نامايىشىدىن باشقا ھىچقانچە ۋەقەمۇ يۈز بەرمىدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەدە 80يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئىسلام دىنىنى چەتكەن قېقىش سىياسىتى ئاخىرلاشتى.

دىپلوماتىيە سىياسىتى[تەھرىر]

تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت. تۈركىينىڭ ھەرقارارلىق ھۆكۈمەتلىرى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىق سىياسىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە غەربىي ياۋروپا بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلدى ۋە ئىزچىل تۈرە ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ . يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئوتتۇرا شەرق بالقان ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قاتارلىق رايونلاردىكى ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكىمۇ ئەھمىيەت بەرمەكتە. ھازىر تۈركىيىنىڭ يەر شارىدىكى 125 دۆلەت ۋە رايون بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى بار. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 6دۆلەت، پاكىستان، ئىران ۋە ئازەربەيجان بىلەن بىللە قۇرغان «ئىقتىسادى گۈللىنىش تەشكىلاتى» تۈركىيەنىڭ كېيىنكى سىياسى ۋە سىپلوماتىيە-ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا مۇھىم كۆرسەتكۈچلۈك ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇغراپىيەسى[تەھرىر]


تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى[تەھرىر]

تۈركىيە تارىختىن بۇيان دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان يېزائىگىلىكى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان. تۈركىيە ئەمگەك كۈچىنىڭ %35دېقھانچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانسىمۇ، بىراق دېھقانچىلىقتىن كىرىدىغان كىرىم دۆلەت ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %9.3نى ئىگىلەيدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى سانائەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، تۈركىيىنىڭ توقۇمىچىلىق، پولات-تۆمۈر، قەغەز ئىشلەپچىقىرىش، سېمۇنت ئىشلەپچىقىرىش ۋە قەنت ياساش سانائىتىنى خېلى راۋاجلانغان. تۈركىيىنىڭ كان بايلىقى مول بولۇپ، كۆمۈر، مىس قاتارلىقلارنىڭ زاپىسى بىرقەدەر كۆپ. 2007-يىلى تۈركىيەنىڭ مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى 361مىلىيارد دوللار بولغان دۇنيا بويىچە 20-ئورۇندا تۇرغان. تۈركىيەنىڭ ئۇمۇمى مىللى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى دۇنيادىكى ئىسلام ئەللىرى ئىچىدە ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ. تۈركىيەنىڭ 2006-يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى9100دوللار سانائەت مەھسۇلات مىقدارى ئۇمۇمى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 31%نى، مۇلازىمەت كىرىمى 60%نى ئىگەللىگەن.


پۇل بىرلىكى: تۈرك لىراسى.

تۈركىيە ئىقتىسادى سىياسىتى ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا 2004-يىلىغا كەلگەندە پۇلى پاخاللىشىپ بىر مىليۇن500مىڭ لىرا بىر دوللارغا توغرا كېلىدىغان پۇل پاخاللىقى يۈز بەرگەن ئىدى. 2005-يىلىدىكى 6نۆلنى قىسقارتىشتىن كېيىن تۈركىيەدە 1.34يېڭى تۈرك لىراسى=بىر دوللار، 2006-يىلى 1.42يېڭى تۈرك لىراسى=بىر دوللار بولۇۋاتىدۇ.

قىسقىچە تارىخى[تەھرىر]

تۈركىيە سالجۇقىلار دەۋردىلا بۈيۈك ئىمپىرىيە قۇرغان. كېيىن ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن شىمالى ئافرىقا ۋە شەرقى ياۋروپاغا قەدەر بولغان ئارىلىققا 500يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈمرانلىق قىلغان. 1- دۇنيا ئۇرۇشتا مەزگىلىدە، تۈركىيە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر سېپىدە تۇرۇپ ئۇرۇشتا مەغۇلۇپ بولىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي ئافرىقا ھەم كىچىك ئاسىيادىكى بېقىندى دۆلەتلىرى ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە مۇستەملىكىلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ. 1919- يىلى مۇستاپا كامال رەھبەرلىكىدىكى مىللىي بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى فېئودال پادىشاھلىقنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدۇ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىقىنى چېكىندۈرىدۇ. 1920- يىلى مىللىي ھۆكۈمەت قۇرۇلىدۇ. 1923- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى جۇمھۇرىتەت قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، مۇستاپا كامال تۇنجى پىرىزدېنت بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئىلىكتىرلىشىش ۋە ئالاقە ئىشلىرى ئورتىھال تەرەققى قىلغان بولۇپ مۇقىم تېلپون ئابونتى19مىلىيۇن، يانپون ئابونتى44مىلىيۇن ، ئىنتېرنېت ئابونتى 13مىلىيۇن بولغان.

دۆلەت مۇداپىئەسى[تەھرىر]

ھەربىي مەجبۇرىيەت تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، 18ئاي ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. نۆۋەتتە 670مىڭ ئەسكەر ۋەزىپە ئۆتەۋاتىدۇ.

تۈركىيەدىكى سىياسى پارتىيەلەر[تەھرىر]

تۈركىيەدە مائارىپ[تەھرىر]

تۈركىيەدىكى بىرقەدەر داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتللار

تەنتەربىيە[تەھرىر]

پۇتبول - تۈركىيەدە پۇتبول باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرىگە قارىغاندا بىر قەدەرې راۋاجلانغان، ئاممىۋىلىقى كۈچلۈك، جەلبكارلىقى يۇقىرى بىر پائالىيەت تۈرىدۇر. يىللىق ئايلانما مۇسابىقىلىرىدىن تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى ئايلانمىسى ۋە تۈركىيە لوڭقىسى باردۇر.

داڭلىق پۇتبول كۇلۇپلىرىى:

سۈرەتلەر[تەھرىر]