ئۇيغۇرچە ۋىكىپىدىيە

ئورنى Wikipedia
ھەركىم ئۆزى يازالايدىغان ئوچۇق قامۇس
ۋىكىپېدىيەگە خۇش كەپسىز
ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىيەگە 2,565 ماقالە توپلاندى.


If you are not a speaker of Uyghur, please visit this page.

تاللانغان ماقالە

نورۇز مىللىتىمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى بايرىمى، تەبىئەت بايرىمى، ئەمگەك بايرىمى، تەنھەرىكەت بايرىمى، ئەدەبىيات – سەنئەت بايرىمى قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت بايرىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەڭ قەدىمىي ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھادىسىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دۇنيادا مىلاد، قۇربان ھېيت، چاغان قاتارىدا سانىلىدىغان تۆت چوڭ بايرامنىڭ بىرىدۇر.

نورۇز بايرىمىنىڭ ئىران ۋە تۇران دىيارلىرىدا يېڭى يىل بايرىمى سۈپىتىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا 2600 يىلدىن ئاشقان بولۇپ، بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى ھازىر 400 مىليوندىن ئاشىدۇ. نورۇز بايرىمى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە شەكىللەنگەن نورۇز مەدەنىيىتى ئاشۇ مىللەتلەرنىڭ ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ كەلمەكتە.

نورۇز يېڭى يىل بايرىمىدۇر. ئەجدادلىرىمىز نورۇزنى قۇتلۇق كۈن، دەپ بىلىپ، زور تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلەنگەن. نورۇزنىڭ كىرىش ۋاقتى شەمسىيە كالېندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ، يېڭى يىل كىرگەن كۈنگە، مىلادى كالېندارى بويىچە 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، يەنى، كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن كۈنگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، ئەجدادلىرىمىز بۇ كۈننى يىل بېشى قىلىپ تاللاپ، ئۇنىڭغا نورۇز (يېڭى كۈن، يىل يېڭىلانغان كۈن)، دەپ ئات قويغان.

كۆرسەتمە

2009-07-20 wpy 07.JPG

ۋىكىپېدىيە نۇرغۇنلىغان تىللاردىكى ئېنسكلوپېدىيە بولۇپ، ئەگەر ئۇيغۇر تىلىنىمۇ مەزمۇنى بىر قەدەر مول بولغان تىللارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇراي دېسىڭىز ، كۆپچىلىككە قېتىلىپ بىرلىكتە ئۇيغۇرچە ۋىكىپېدىيەنىڭ مەزمۇنىنى كېڭەيتىشكە كۈچ چىقىرىڭ.

يېڭى ياكى كونا مەزمۇنلارنى تەھرىرلەشنى بىلمەكچى بولسىڭىز بەتنى قانداق تەھرىرلەيدۇ ئۇلانمىسىنى چېكىڭ ، ئەگەر سىناپ باقماقچى بولسىڭىز بۇنى ساندبوكس چېكىڭ ، شۇنداقلا كوممۇنیتي پورتالنى زىيارەت قىلسىڭىز ۋىكىپېدىيەدىكى ھەرقانداق ماقالىنى تەھرىرلەشنى شۇئانلا بىلەلەيسىز.

بىلەمسىز؟

Turk1.png

ئورقۇن-يېنسەي يېزىقىدا 39 ھەرپ، بىر ئايرىش بەلگىسى بولۇپ، بۇ يېزىق ئېلىپبەلىك يېزىق بىلەن بوغۇملۇق يېزىقنىڭ ئارىلاشمىسىدۇر. ئورقۇن-يېنسەي يېزىقى ئومۇمەن، ئوڭدىن سولغا قاراپ توغرىسىغا يېزىلىدۇ. لېكىن، يېنسەي مەڭگۈ تاشلىرىدا سولدىن ئوڭغا يېزىلغان، ئايرىم مەڭگۈ تاشلاردا بىر قۇرى ئوڭدىن سولغا، يەنە بىر قۇرى سولدىن ئوڭغا زەنجىرسىمان ئۇلاپ يېزىلغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ يېزىقتا تۆت ھەرپ سەككىز سوزۇق تاۋۇشنى، 31 ھەرپ 18 ئۈزۈك تاۋۇشنى، بەش ھەرپ قوش ھەرپلىك بوغۇملارنى ئىپادىلەيدۇ. سۆزلەر بىر-بىرىدىن قوش چېكىت ( : ) ئارقىلىق ئايرىپ يېزىلىدۇ....

ئېسىل ماقالە

Silk route.jpg

19 – ئەسىردىلا ياۋروپا ئالىملىرى تەرىپىدىن "يىپەك يولى" دەپ ئاتىلىشقا باشلىغان. ھازىر شۇنداق دەپ ئاتىلىش ئادەتكە ئايلانغان ، قەدىمكى چاغدا ئاسىيا بىلەن ياۋروپا ئارىسىدىكى قۇرۇقلۇق قاتناش يولى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. مانا شۇ يول توغرىسىدا قەدىمكى چاغدىلا جۇڭگو تارىخچىلىرى ۋە يۇنان روما ئالىملىرى مەلۇمات بەرگەن.

سىماچيەن (مىلادىدىن 145 – يىل بۇرۇن تۇغۇلغان ) "تارىخى خاتىرىلەر" ناملىق ئەسىرىنىڭ "پەرغانە ھەققىدە قىسسە" ۋە سەنگو (مىلادىنىڭ 32 – يىلى تۇغۇلۇپ 92 – يىلى ئۆلگەن) "خەن سۇلالىسى يىلنامىسى غەربىي رايون ھەققىدە قىسسە" بابلىرىنى يازغاندا مىلادىدىن ئىككى ئەسىر بۇرۇن غەربىي رايونغا ئىككى قېتىم كېلىپ كەتكەن (مىلادىدىن 130 يىل بىر قېتىم ، مىلادىدىن 115 يىل بۇرۇن بىر قېتىم)مەشھۇر سەيياھ ۋە دىپلومات جاڭ چيەننىڭ خەن سۇلالىسىنىڭ (مىلادىدىن 207 يىل بۇرۇنقى چاغدىن تارتىپ مىلادىنىڭ 220 – يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن )پادىشاھى خەن ۋۇدېغا (مىلادىدىن 140 يىل بۇرۇنقى چاغدىن مىلادىدىن 87 يىل بۇرۇنقى چاغقىچە پادىشاھ بولغان ) غەربىي رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىدىن پايدىلانغان....

تاللانغان رەسىم

West Tian Shan mountains.jpg
تەڭرىتاغلىرى ئۇزۇنلۇقى 2500 كىلومېتىرغا سوزۇلغان بولۇپ شەرقتە قۇمۇل ۋىلايىتىدىن باشلىنىپ شەرقى تۈركىستان زېمىنىنى ئوتتۇرىدىن كېسىپ ئۆتىدۇتەكلىماكان...
ئا ئە ب پ ت ج چ خ د ر ز ژ س ش غ ف ق ك ڭ گ ل م ن ھ ئو ئۇ ئۆ ئۈ ۋ ئې ئى ي



باشقا ۋىكى تۈرلىرى

ۋىكىلۇغەت
كۆپ تىللىق لۇغەت
[ۋىكىكىتاپ]
ئەركىن كىتاپ ۋە قوللانمىلار
[ۋىكىنەقىل]
ماقال تەمسىل ۋە ھىكمەتلەر
ۋىكى مەنبە
ئەركىن كۈتۈپخانا
ۋىكى تۈرلىرى
تۈرلەر كاتالوگى
ۋىكىخەۋەر
ئەركىن يېڭىلىقلار
Commons
مېدىيا ئامبىرى
Meta-Wiki
ۋىكى مەركىزى